نىگېرىيەدە 60 ئادەم خولېرا سەۋەبىدىن قازا قىلدى

نىگېرىيەنىڭ كاتسىنا ئۆلكىسىدە 60 ئادەم خولېرا سەۋەبىدىن قازا قىلدى.

1687784
نىگېرىيەدە 60 ئادەم خولېرا سەۋەبىدىن قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ قېتىم قازا قىلغان 60 ئادەمنى قوشقاندا، مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدىن بۇيان نىگېرىيەدە خولېرا سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 500 دىن ئېشىپ كەتتى.

كاتسىنا ئۆلكىسىنىڭ سەھىيە ئىشلىرى كومىسسارى ياقۇبۇ دانجا، نىگېرىيە دوختۇرلار جەمئىيىتىنىڭ يىللىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، خولېرا يۇقۇمىنىڭ كاتسىنا ئۆلكىسىگە خەۋپ ئېلىپ كېلىشكە باشلىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ھالدا: «ھازىر ئۆلكە مىقياسىدا 1400 ئادەمگە خولېرا  بىمارى دەپ دىياگنوز قويۇلدى، 60 ئادەم يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

رايونلارغا جىددىي دورا ۋە داۋالاش ئەشيالىرىنىڭ يەتكۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن دانجا، رايون ئاھالىلىرىنى يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىشكە چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر