ئامېرىكالىق سودا – سانائەتچىلەردىن بايدىن ھۆكۈمىتىگە «خىتاي » چاقىرىقى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا سودا - سانائەتچىلەر پىرېزىدېنت جو بايدىن ھۆكۈمىتىدىن، خىتاي بىلەن بولغان سودا سۆھبىتىنى قايتا باشلاشنى ۋە ئىمپورت تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىشنى تەلەپ قىلدى.

1687191
ئامېرىكالىق سودا – سانائەتچىلەردىن بايدىن ھۆكۈمىتىگە «خىتاي » چاقىرىقى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹The Wall Street Journal› گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا سودا ئۇيۇشمىسى، مەملىكەتلىك پارچە ساتقۇچىلار جەمئىيىتى ۋە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ سانائىتى جەمئىيىتى قاتارلىق بىر قىسىم چوڭ سودا گۇرۇپپىلىرى، مالىيە مىنىستىرى جانېت يېللېن بىلەن ئامېرىكا سودا ئىشلىرى ۋەكىلى كاتېرىن تەيگە بۇ ھەقتە مەكتۇپ يوللاپ، خىتاينىڭ سودا كېلىشىمىدىكى مۇھىم ئۆلچەم ۋە ۋەدىلەرگە ئەمەل قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

جو بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ  خىزمەتچى - خادىملارنىڭ مەنپەئەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتى تىلغا ئېلىنغان مەكتۇپتا، مۇنداق دېيىلگەن:

«خىزمەتچى – خادىملارنىڭ مەنپەئەتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويىدىغان بىر سودا كۈنتەرتىپى، چوقۇم ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئامېرىكالىقلارغا بېرىدىغان تاموژنا بېجىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان تاموژنا بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى كېرەك.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر