ئامېرىكا ئىراننى «دىپلوماتىيە ۋە يادرو سۆھبىتىگە قايتىش»قا چاقىردى

ئامېرىكا ئىراننىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسىنى «دىپلوماتىيە ۋە يادرو سۆھبىتىگە قايتىش»قا چاقىردى.

1686566
ئامېرىكا ئىراننى «دىپلوماتىيە ۋە يادرو سۆھبىتىگە قايتىش»قا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېد پرايس كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ۋاشىنگتوننىڭ ئىراندىكى يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ مەيدانىنى بىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ۋە ئامېرىكانىڭ بۇنىڭغا ئاساسەن شېرىكلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتچى نېد پرايس: «پىرېزىدېنت رەئىسىگە دەيدىغىنىمىز، بىز دۆلەت بىخەتەرلىك مەنپەئەتىمىز ئۈچۈن سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتىشقا تەييارمىز، ئىراننىمۇ سۆھبەت ئۈستىلىگە بالدۇرراق قايتىپ كېلىشكە چاقىرىمىز» دېدى.

يادرو كېلىشىمىگە قايتىش پۇرسىتىنىڭ مەڭگۈ داۋاملاشمايدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان پرايس: «بۇ ۋەجىدىن بىز يېڭى ئىران ھۆكۈمىتىنى دىپلوماتىيەگە قايتىشقا چاقىرىۋاتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تۈنۈگۈن ئىراندا قەسەم بېرىپ ۋەزىپە ئۆتكۈزۈۋالغان پىرېزىدېنت رەئىسى: «ئىرانغا قارىتىلغان جازا چوقۇم ئاخىرلىشىشى كېرەك، ئىران جازانىڭ بىكار قىلىنىشى يولىدىكى ھەر قانداق دىپلوماتىك پىلاننى قوللايدۇ» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر