لىۋان ئارمىيەسى خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ب د تنى ئىسرائىلىيەگە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى
لىۋان ئارمىيەسى تېل ئاۋىۋنى چېگرا بەلگىلىمىلىرىنى ئۆزگەرتىش بىلەن ئەيىبلەپ، خەلقئارا جەمئىيەت ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)نى ئىسرائىلىيەگە «دۈشمەنلەرچە ھەرىكەتلىرى»نى توختىتىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.
1686638
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋان ئارمىيەسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ب د ت نىڭ مۇرەسسە قىلىشى بىلەن لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى رەئسۇنناقۇرە بازىرىدىكى ب د ت لىۋان ۋاقىتلىق ۋەزىپە ئۆتەش قىسىملىرى باش ئىشتابىدا لىۋان – ئىسرائىلىيە ھەربىي ئەمەلدارلىرىنىڭ يىغىن ئاچقانلىقىنى؛ يىغىنغا ب د ت لىۋان ۋاقىتلىق ۋەزىپە ئۆتەش قىسىملىرى قوماندانى گېنېرال ستېفانو دېل كولنىڭ رىياسەتچىلىك قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئىسرائىلىيە چېگرا بەلگىلىمىلىرىنى ئۆزگەرتىش بىلەن ئەيىبلەنگەن باياناتتا، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ب د ت ئىسرائىلىيەگە بېسىم ئىشلىتىپ، «دۈشمەنلەرچە ھەرىكەتلەر» نى توختىتىشقا چاقىرىلدى.
باياناتتا يەنە، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەبا دېھقانچىلىق مەيدانى، كەفر شۇبا تېغى ۋە ئەلغاجەر بازىرىدىن چېكىنىشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى.