ئىسىرائىلىيە لىۋاننىڭ بەزى جايلىرىنى بومباردىمان قىلدى

ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى بەزى جايلارنى ھاۋادىن بومباردىمان قىلدى.

1685863
ئىسىرائىلىيە لىۋاننىڭ بەزى جايلىرىنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ تۋىتتېردا بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسىرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ تۈنۈگۈن (2021-يىلى 4-ئاۋغۇست) لىۋاندىن ئىسىرائىلىيەگە راكېتامىيوت ئېتىلغان جايلار بىلەن تېررورلۇق مەقسىتىدە پايدىلىنىلىۋاتقان تونېللارنىڭ بومباردىمان قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۇ باياناتتا، ئىسىرائىلىيەنىڭ ھاۋا بومباردىمانىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ۋە ئىسىرائىلىيەگە قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا قارشى بومباردىماننىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

لىۋان يەرلىك تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە، ئىسىرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ جەنۇبتىكى ئېددىماشقىييە رايونىنى ئىككى قېتىم ھاۋادىن بومباردىمان قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسى تۈنۈگۈن لىۋاندىن ئۈچ راكېتامىيوت ئېتىلغانلىقىنى، بۇلاردىن ئىككىسىنىڭ ئىسىرائىلىيە زېمىنىغا، بىرىنىڭ لىۋان زېمىنىغا چۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بۇنىڭغا جاۋابەن، ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ لىۋان تەرەپكە زەمبىرەك ئاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر