كارېن مىللىي ئازادلىق ئارمىيەسى: كەم دېگەندە 60 بىرما ئەسكىرىنى ئۆلتۈردۇق

كارېن مىللىي ئازادلىق ئارمىيەسى، ئۆتكەن ئايدا بېرما ئارمىيەسىنىڭ كەم دېگەندە 60 ئەسكىرىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

1685967
كارېن مىللىي ئازادلىق ئارمىيەسى: كەم دېگەندە 60 بىرما ئەسكىرىنى ئۆلتۈردۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرمادا يۈز بەرگەن 1 – فېۋرال ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن ئارمىيە بىلەن تۈزۈلگەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى بۇزۇپ، سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى تۇرغۇچىلار سېپىدىن ئورۇن ئالغان مىللىي قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ بىرى بولغان كارېن مىللىي ئازادلىق ئارمىيەسى، ئۆتكەن ئايدا بېرما ئارمىيەسىنىڭ كەم دېگەندە 60 ئەسكىرىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

كارېن مىللىي ئازادلىق ئارمىيەسى ئاخبارات – ئۇچۇر تارمىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىيۇل ئېيىدا كارېن ئۆلكىسىنىڭ خاپاپۇن رايونىدا بېرما ئارمىيەسى بىلەن كارېن مىللىي ئازادلىق ئارمىيەسى ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدا 133 قېتىم كەسكىن توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە توقۇنۇشلاردا بىرما ئارمىيەسىنىڭ كەم دېگەندە 60 ئەسكىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

باياناتتا، كارېن مىللىي ئازادلىق ئارمىيەسى سېپىدىكى تالاپەت توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلمىدى. بىرما ئارمىيەسى مەزكۇر دەۋالارغا قارشى ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر