ھاراق ئىستېمالىنىڭ راك كېسىلىگە دۇچار قىلىدىغانلىقى دەلىللەندى

ھاراق ئىستېمالىنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا 700 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى راك كېسىلىگە گىرىپتار قىلغانلىقى دەلىللەندى.

1686142
ھاراق ئىستېمالىنىڭ راك كېسىلىگە دۇچار قىلىدىغانلىقى دەلىللەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «لانسېت» تېببىي ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر تەتقىقات نەتىجىسى، ھاراق ئىستېمالىنىڭ 568 مىڭدىن ئارتۇق ئەردە راك كېسەللىكى پەيدا قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ھاراق ئىستېمالىنىڭ بۇلتۇر 700 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان تەتقىقاتتا، راكنىڭ كۆپىنچە بىمارلارنىڭ قىزىلئۆڭگەچ، ئۈچەي، جىگەر ۋە كۆكرەك قىسمىدا بايقالغانلىقى قەيت قىلىندى.

تەتقىقاتتا، ناھايىتى ئاز مىقداردا ھاراق ئىستېمالىنىڭمۇ راكقا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

ھاراق سەۋەبىدىن راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ كۆپىنچە شەرقىي ئاسىيا، ئوتتۇرا ۋە شەرقىي ياۋروپادا ياشايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن تەتقىقاتتا، بۇ نىسبەتنىڭ شىمالىي ئافرىقا ۋە غەربىي ئاسىيادا ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەدە ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر