گىرېتسىيە تۈركلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى دۆلەت پۇقرالىرىغا چېگراسىنى ئېچىۋېتىشنى قارار قىلدى

گىرېتسىيە كوۋىد-19 يۇقۇمى سەۋەبلىك بۇنىڭدىن 17 ئاي بۇرۇن تاقىۋەتكەن گىرېتسىيە - تۈركىيە چېگراسىنى ئېچىشنى قارار قىلدى.

1686280
گىرېتسىيە تۈركلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى دۆلەت پۇقرالىرىغا چېگراسىنى ئېچىۋېتىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيە ئۇل ئەسلىھە ۋە قاتناش مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىنىڭ 5-ئاۋغۇست (بۈگۈن) ئېلان قىلغان ساياھەت كۆرسەتمىسىدە، ۋاكسىنا ئەملەش ئىسپاتى بار ياكى «كوۋىد -19» تەكشۈرۈش نەتىجىسى پاسسىپ چىققان تۈرك پۇقرالىرىنىڭ بۈگۈندىن باشلاپ گرېتسىيەگە كىرەلەيدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

گىرېتسىيەگە كىرىش ئېغىزىدىكى بارلىق دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ساياھەت جەدۋىلى» نى تولدۇرۇش ئادىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان كۆرسەتمىدە، تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە 35 دۆلەت ئۈچۈن تەلەپ قىلىنغان شەرتلەرنىڭ 12 ياشتىن چوڭ بالىلار ئۈچۈنمۇ كۈچكە ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر