ب د ت ئافغانىستاندا توقۇنۇشلار ئارىسىدا قالغانلار ئۈچۈن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى لەشكەرگاھ رايونىدىكى توقۇنۇشتا ئون مىڭلارچە كىشىنىڭ قاپسىلىپ قالغانلىقىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1686081
ب د ت ئافغانىستاندا توقۇنۇشلار ئارىسىدا قالغانلار ئۈچۈن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ باياناتچىسى ستېپھان دۇجاررىچ، كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، تالىباننىڭ ھەربىي جەھەتتىكى كېڭەيمىچىلىكىدىن كېيىن ئافغانىستاندا زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ ئەندىشىلىك دەرىجىدە كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى، ھېلماند ۋە قەندەھار ۋىلايەتلىرىدە پۇقراۋى ئۆلۈم ھادىسىلىرىنىڭ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى، ھەمدە دوختۇرخانىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى لەشكەرگاھ رايونىدىكى توقۇنۇشتا ئون مىڭلارچە كىشىنىڭ قاپسىلىپ قالغانلىقىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى، بۇ يىلنىڭ باشلىرىدىن بۇيان 360 مىڭ، 2012 – يىلدىن بۇيان تەخمىنەن 5 مىليون كىشىنىڭ ئافغانىستاندا زورلۇق بىلەن ئۆي – ماكانلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئافغانىستاندىكى ھەرقايسى تەرەپلەرگە پۇقرالار ۋە پۇقراۋى ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ قوغدىلىشى توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولغان  دۇجاررىچ، خەلقئارا جەمئىيەتنىمۇ ئافغانىستان ئۈچۈن 1.3 مىليارد دوللار ياردەم بېرىشكە چاقىردى.

ئافغانىستاندا تىنچلىق مۇساپىسى نائېنىق ھالەتتا تۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدىكى شىددەتلىك توقۇنۇشلار ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر