ئىسىرائىلىيە ب د ت دىن ئىراننى ئەيىبلەشنى تەلەپ قىلدى

ئىسىرائىلىيە ئىراننى خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىن ئىراننى ئەيىبلەشنى ۋە ئېمبارگو يۈرگۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى.

1685411
ئىسىرائىلىيە ب د ت دىن ئىراننى ئەيىبلەشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ئەرداننىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۇنغان ئىلتىماسىدا، 29-ئىيۇل (2021) تانزانىيەدىن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە قاراپ كېتىۋاتقاندا، ھىندى ئوكياندا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان «مېرسېر سترېت» (Mercer Street) ناملىق پاراخوتتىكى ئىككى خادىمنىڭ ئۆلۈمىگە، ئىراننىڭ مەسئۇل ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئۇ، بۇ خىلدىكى ھەرىكەتلەرنىڭ رايون مۇقىملىقىغا زىيانلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئىراننىڭ ئەيىبلىنىشىنى ۋە بۇنداق «مەينەت» جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنى جازالاشنى چاقىرىق قىلدى.

ئىسىرائىلىيەدىكى شىركەتنىڭ بىر پاراخوتى 29-ئىيۇل تانزانىيەدىن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە قاراپ كېتىۋاتقاندا، ھىندى ئوكياندا ھۇجۇمغا ئۇچراپ، ئەنگلىيەلىك بىر پاراخوت خادىمى بىلەن رۇمېنىيەلىك بىر پاراخوت خادىمى جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى.

ۋەقەدىن كېيىن، ئەنگلىيە بىلەن رۇمېنىيەدىن باشقا، ئامېرىكا ۋە ئىسىرائىلىيەمۇ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارىنىڭ ئىران ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر