ئىراقتىن دۆلەت سىرتىغا ئەتكەس قىلىنغان تارىخىي ئاسارە-ئەتىقەلەر قايتۇرۇلدى
ئىراق قانۇنسىز ھالدا دۆلەت سىرتىغا ئەتكەس قىلىنغان 17 مىڭدىن ئارتۇق تارىخىي ئاسارە-ئەتىقەلەرنىڭ قايتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فۇئات ھۈسەيىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 2003 – يىلى ئىراقنى ئىشغالىيىتى مەزگىلىدە دۆلەت مۇزېيلىرىدىن قانۇنسىز ھالدا ئىراق سىرتىغا ئەتكەس قىلىنغان تارىخىي ئاسارە-ئەتىقەلەر ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، 2016-يىلدىن بۇيان، ئالدىنقى يىللاردا يۈز بەرگەن مۇزېيلارنىڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىش قىلمىشلىرىدىن كېيىن، قانۇنسىز ھالدا دۆلەت سىرتىغا ئەتكەس قىلىنغان تارىخىي ئاسارە-ئەتىقەلەرنىڭ 17 مىڭ 338 گە يەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ تارىخىي ئاسارە-ئەتىقەلەردىن 17 مىڭ 321 ىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن، 9 ىنىڭ ياپونىيەدىن، 7 سىنىڭ گوللاندىيەدىن ۋە بىرىنىڭ ئىتالىيەدىن دۆلەتكە قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
2003-يىلى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىراقنى ئىشغال قىلغان مەزگىلدە، باغدادنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەتنىڭ ئوخشىمىغان ۋىلايەتلىرىدىكى كۆپلىگەن مۇزېيلار بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغانىدى.
باغدادتىكى مۇزېي، ئارىدىن 12 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، 2015 – يىلى قايتا ئېچىلغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
