ئەنگلىيەدە زەھەرلىك چېكىملىك ​​سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى رېكورت سەۋىيەگە يەتتى

2020-يىلى ئەنگىلىيە ۋە گاللېردا زەھەرلىك چېكىملىك ​​سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 1993 – يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۈكسەك سەۋىيە بولغان 4 مىڭ 560 قا يەتتى.

1685556
ئەنگلىيەدە زەھەرلىك چېكىملىك ​​سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى رېكورت سەۋىيەگە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىشخانىسىنىڭ، زەھەرلىك چېكىملىك كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆلۈم ھادىسىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىستاتىستىكىلىك دوكلاتىغا قارىغاندا، 2020 – يىلى زەھەرلىك چېكىملىك ​​سەۋەبىدىن 4 مىڭ 561 كىشى قازا قىلغان بولۇپ، بۇ رەقەم، 2019 – يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا % 3.8 ئارتۇق ئىكەن.

ئەرلەرنىڭ ئۆلۈش كېتىش نىسبىتى ئاياللارنىڭكىگە قارىغاندا 2 ھەسسە يۇقىرى ئىكەن.

زەھەرلىك چېكىملىك كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆلۈم نىسبەتلىرىدىكى ئەڭ يۈكسەك سەۋىيە شەرقىي شىمالىي ئەنگلىيەدە، ئەڭ تۆۋەن سەۋىيە لوندوندا بولۇپ، شەرقىي شىمالىي ئەنگلىيەدە بىر مىليون كىشىدە 104.6 ئۆلۈم، لوندوندا بولسا 33.1 ئۆلۈم ھادىسىسى كۆرۈلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر