لىۋاندىن ئىسرائىلىيەگە راكېتامىيوت ئېتىلدى

لىۋاندىن ئىسرائىلىيەگە ئۈچ راكېتامىيوت ئېتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1685559
لىۋاندىن ئىسرائىلىيەگە راكېتامىيوت ئېتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، لىۋان چېگراسىغا يېقىن كىريات شېمونا كافر گىلادى ۋە تېلھاي شەھەرلىرىگە، لىۋاندىن ئۈچ راكېتامىيوت ئېتىلغانلىقى، ئارقىدىنلا ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرىنىڭ چېلىنىشقا باشلىغانلىقى، راكېتامىيوتلاردىن ئىككىسىنىڭ ئىسرائىلىيەدىكى ئوچۇق ساھەلەرگە، يەنە بىرىنىڭ بولسا لىۋان تېرروتېرىيەسىگە چۈشكەنلىكى، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ بۇنىڭغا، لىۋان تەرەپكە توپ ئېتىش ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرى، راكېتامىيوتلاردىن بىرىنىڭ كىريات شېمونا كافر گىلادى شەھىرىگە يېقىن جايغا چۈشكەنلىكى،  ئارقىدىنلا رايوندا كىچىك تىپتىكى ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر