كابۇلدا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا 8 كىشى قازا قىلدى

ئافغانىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىسمىللاھ مۇھەممەدىنىڭ كابۇلنىڭ شىر پۇر رايونىغا جايلاشقان ئۆيىنىڭ ئالدىدا تۈنۈگۈن كەچ تەرەپلەردە يۈز بەرگەن بومبا ۋە قوراللىق ھۇجۇمدا 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1685369
كابۇلدا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا 8 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مىرۋېيىس ستانىكزېي، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، زوراۋانلاردىن بىرىنىڭ بومبا قاچىلانغان ئاپتوموبىلنى ئافغانىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىسمىللاھ مۇھەممەدىنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىد اپارتلاتقانلىقىنى، پارتلاشتىن كېيىن باشقا 4 زوراۋاننىڭ ئۆيگە باستۇرۇپ كرىىپ، قالايمىقان ئوق چىقىرىشقا باشلىغانلىقىنى ئېيتتى.

زوراۋانلارنىڭ يېرىم كېچىدە بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ستانىكزېي، ھۇجۇمدا  8 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 20 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، رايوندىكى ئۆيلەردە ياشاۋاتقان ئونلارچە پۇقرانىڭ بىخەتەر جايغا تارقاقلاشتۇرۇغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھۇجۇمدا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىسمىللاھ مۇھەممەدىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ زىيانغا ئۇچرىمىغانلىقىنى  تەكىتلىدى.

شاھىتلار بولسا، ھۇجۇمدا قازا قىلغانلار سانىنىڭ 10 دىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىدى.

ئالاقىدار تارماقلار، ھۇجۇم ئەسناسىدا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىسمىللاھ مۇھەممەدىنىڭ ئۆيىدە باشقا ۋىلايەتلەردىن كەلگەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، كابۇلنىڭ ئەڭ ھەشەمەتلىك رايونلىرىدىن بىرى بولغان شىر پۇر رايونىدا نۇرغۇن مىنىستىر ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئۆيى بار بولۇپ، بومبىنىڭ شىددەتلىك پارتلىشى نەتىجىسىدە، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىسمىللاھ مۇھەممەدىنىڭ ئۆيىنىڭ ئەتراپىدىكى كۆپ ساندىكى ئۆي ۋە ئىش ئورنىمۇ زىيانغا ئۇچرىغان. بومبا ھۇجۇمىدىن كېيىن، كابۇلدا كۆپ ساندا پۇقرا تېررورلۇق ھۇجۇمىغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر