چېخىيەدە پويىز سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەردى

گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھىرىدىن قوزغالغان بىر تېز پويىزچېخىيەدە بىر يولۇچىلار پويىزى بىلەن سوقۇلۇپ كەتتى.

1685492
چېخىيەدە پويىز سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھىرىدىن قوزغالغان بىر تېز پويىزنىڭ چېخىيەدە بىر يولۇچىلار پويىزى بىلەن سوقۇلۇپ كېتىشى نەتىجىسىدە ئىككى ئادەم قازا قىلدى، 40 تىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى.

ئالاقىدار تارماقلار، چېخىيەنىڭ غەربىدىكى دومازلىجې بازىرى ئەتراپىدا مەيدانغا كەلگەن قازادا ئېغىر يارىلانغان تۆت كىشىنىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن دوختۇرخانىغا يۆتكەلگەنلىكىنى، 38 كىشىنىڭ يېنىك يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

چېخىيە قاتناش مىنىستىرى كارېل خاۋالىجېك «ئېكسپورت 351» پويىزىنىڭ «توختا» سىگنالىغا پەرۋا قىلماستىن يولىنى داۋاملاشتۇرۇشى نەتىجىسىدە يولۇچىلار پويىزىغا سوقۇلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر