ب د ت ئافغانىستاندا «ئىسلام ئەمىرلىكى» نى قوللىمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئافغانىستاندا «ئىسلام ئەمىرلىكى» نىڭ قايتا تىكلىنىشىنى قوللىمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1685397
ب د ت ئافغانىستاندا «ئىسلام ئەمىرلىكى» نى قوللىمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى، ئورتاق بايانات ئېلان  قىلىپ، ئافغانىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئافغانىستاننىڭ ھېرات شەھىرىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قورۇسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

ئافغانىستاندىكى زوراۋانلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى، دۆلەتتىكى بارلىق تېررورلۇق ھۇجۇملىرى ۋە پۇقرالارغا قەستەن ھۇجۇم قىلىش ھادىسىلىرىنىمۇ قاتتىق ئەيىبلىدى.

پۇقرالارغا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خىزمەتچى – خادىملىرىغا ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قورۇلىرىغا قارىتىلغان قەستەن ھۇجۇملارنىڭ، «ئۇرۇش جىنايىتى» نى شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ۋە تالىباننى، كەڭ دائىرىلىك ۋە ئافغانىستانلىقلارنىڭ رەھبەرلىكىدىكى سىياسىي ھەل قىلىش چارىسى تېپىشقا ۋە ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىردى.

كىرىزىسكە ھەربىي ھەل قىلىش چارىسى تېپىلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى، تالىباننى مىسال كەلتۈرۈپ، ئافغانىستاندا «ئىسلام ئەمىرلىكى» نىڭ قايتا تىكلىنىشىنى قوللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر