ئامېرىكا: ئىرانغا ئورتاق جاۋاب قايتۇرۇلىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىراننىڭ ھىندى ئوكياندا ئىسرائىلىيە شىركىتىگە تەۋە تىرانسىپورت پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى سەۋەبلىك ئىرانغا ئورتاق جاۋاب قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1684740
ئامېرىكا: ئىرانغا ئورتاق جاۋاب قايتۇرۇلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بەرگەن باياناتىدا، ئىراننىڭ ئۇزۇندىن بۇيان  دېڭىز تىرانسپورتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار ھەرىكەتلەرنى  ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھىندى ئوكياندىكى ھۇجۇمدىن كېيىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ رايوندىكى ھەمراھلىرى بىلەن ماس قەدەمدە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە رايون ھۆكۈمەتلىرى بىلەن داۋاملىق كېڭەش ئىچىدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز ئەنگىلىيە  ئىسرائىلىيە، رۇمىنىيە ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن ناھايىتى قويۇق ئالاقىدە بولۇۋاتىمىز، ئىرانغا ئورتاق جاۋاب قايتۇرۇلىدۇ.»

30 –ئىيۇل كۈنى، ئىسرائىلىيە دېڭىز تىرانسىپورت شىركىتىگە تەۋە پاراخوت، تانزانىيەدىن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە قاراپ كېتىۋاتقاندا،  ھىندى ئوكياندا  ھۇجۇمغا ئۇچرىغان، ھۇجۇمدا پاراخوتتىكى ئىككى پاراخوت خادىمى ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.

ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يائىر لاپىد، پاراخوتنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشى سەۋەبلىك، دۇنياغا ئىراننىڭ ھەرىكەتلىرىنى توختىتىش توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولغانىدى.

ئىران، ھۇجۇمدا قولى بارلىقىغا ئالاقىدار دەۋالارنى رەت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر