ئامېرىكا 100 دۆلەتكە ۋاكسىنا ئەۋەتىدۇ

ئامېرىكا مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدىن تارتىپ تۆۋەن كىرىملىك 100 دۆلەتكە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ۋاكسىنا ئەۋەتىشنى باشلايدۇ.

1685076
ئامېرىكا 100 دۆلەتكە ۋاكسىنا ئەۋەتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي ئامېرىكانىڭ تۆۋەن كىرىملىك 100 دۆلەتكە ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسى ئەۋەتىدىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى يەر شارى خاراكتېرلىك كۈرەش دائىرىسىدە، ئامېرىكانىڭ 60 تىن ئارتۇق دۆلەتكە 110 مىليون شىشە ۋاكسىنا ئەۋەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، ئامېرىكانىڭ تۆۋەن كىرىملىك 100 دۆلەتكە ۋەدە بەرگەن 500 مىليون شىشە ۋاكسىنانىڭ، مۇشۇ ئاينىڭ (2021-يىلى ئاۋغۇست) ئاخىرىدىن باشلاپ ئەۋەتىشنى باشلايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر