ۋۇخەندە ۋىرۇس قايتىدىن كۆرۈلۈشكە باشلىغان

خىتاينىڭ ۋۇخەن ۋشەھىرىدە، ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرنىڭ كۆپىيىشى سەۋەبىدىن شەھەردىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ ۋىرۇس تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1684927
ۋۇخەندە ۋىرۇس قايتىدىن كۆرۈلۈشكە باشلىغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىققان خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە، ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرنىڭ كۆپىيىشى سەۋەبىدىن شەھەردىكى كىشىلەر ۋىرۇس تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ.

خىتاينىڭ يەر شارى ۋاقتى گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، 11 مىليون نوپۇسلۇق شەھەردە، تۈنۈگۈن (2021-يىلى 2-ئاۋغۇست) يەتتە كىشىنىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان بولۇپ، بۇ 2020-يىلى ئىيۇن ئېيىدىن بۇيانقى ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ كۆپ ۋەقە بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى چىڭىتقان شەھەر مەسئۇللىرى ئارىدىن ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن بايقالغان يۇقۇملانغۇچىلار سەۋەبىدىن شەھەر مىقياسىدا ۋىرۇس تەكشۈرۈشىنى قارار قىلدى.

شەھەردە، بارلىق مەكتەپلەردە ۋە باشقا تەلىم-تەربىيە ئورۇنلىرىدا يۈز تۇرانە ئوقۇ-ئوقۇتۇش پائالىيەتلىرىنى توختىتىش، ئاھالىلەر رايونلىرىدىكى سەھىيە تەكشۈرۈشلىرىنى چىڭىتىش يوليورۇقى چۈشۈرۈلدى. مېترودا ماسكا تاقاش، قىزىتما ئۆلچەش ۋە سەھىيە كۆزىتىش كودلىرىنى كونترول قىلىش قاتارلىق ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تەدبىرلەر يولغا قويۇلدى. جۈەن كۇ مەھەللىسى ئەتراپىدىكى بەزى مېترو بېكەتلىرى ۋاقىتلىق خىزمەتتىن  توختىدى.

ب ب س نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتايدىكى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى ۋەقەلەر بايقالغان15 رايوندا، ھۆكۈمەت كوللېكتىپ ھالدا ۋىرۇس تەكشۈرۈش ۋە ھەر خىل ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشنى قارار قىلغان.

خىتاي دائىرىلىرى ۋىرۇسنىڭ ئەڭ تارقىلىشچان دېلتا ۋارىيانتىنىڭ بايقىلىشىنى، ساياھەت پەسلىنىڭ باشلىنىشىغا باغلىماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر