رۇسىيە ئافغانىستان مەسىلىسىگە دائىر سۆھبەت مۇساپىسىنىڭ جاپالىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئافغانىستان ئالاھىدە ۋەكىلى زامىر كابۇلوۋ ئافغانىستان مەسىلىسىگە دائىر سۆھبەت مۇساپىسىنىڭ جاپالىق بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1684952
رۇسىيە ئافغانىستان مەسىلىسىگە دائىر سۆھبەت مۇساپىسىنىڭ جاپالىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كابۇلوۋ، رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادىكى ئوچۇق دىپلوماتىيەنى قوللاش فوندىدا ئۆتكۈزۈلگەن يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىدا ئافغانىستان مەسىلىسى ھەققىدە قىلغان سۆزىدە، بۇ مەسىلىنىڭ سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىنىشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئافغانىستان مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك سۆھبەت مۇساپىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق ھەم كۆڭۈلدىكىدەك بولۇشىنى كۈتمەسلىك لازىم، چۈنكى بۇ سۆھبەت مۇساپىسى تولىمۇ جاپالىق بولىدۇ،  بىز بۇلارنىڭ ھەممىسىنى نەزەردە تۇتۇپ، ھەقىقىي دىپلوماتىيەنىڭ ھېسسىياتنى ئاساس قىلمايدىغانلىقىنى ئوبدان چۈشىنىمىز، دەرۋەقە، دىپلوماتىيە مەنپەئەت ۋە پۇرسەتنى ئاساس قىلىدۇ.»

رۇسىيەنىڭ تالىبان بىلەن داۋاملىق ئالاقە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن كابۇلوۋ، تالىباننىڭ رۇسىيەگە بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر بىر تەرەپ، بىزگە بەرگەن ۋەدىسىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كېتىشنى قارار قىلسا، چوقۇم بۇنىڭ تۆلەشكە تېگىشلىك بەدىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىشى كېرەك.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر