رۇھانى: سۆھبەتلەر ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئالدى

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى، سۆھبەتلەرنىڭ ئىرانغا قىلىنماقچى بولغان كەسكىن بىر مەيدان ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقىنى ئېيتتى.

1684562
رۇھانى: سۆھبەتلەر ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى، 2013-يىلى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندا، ئۆزلىرىنى ئۇرۇش ۋە تىنچلىقتىن ئىبارەت ئىككى ئىشنىڭ بىرىنى تاللاشتىن ئبىارەت بىر يولنىڭ كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، نەتىجىدە سۆھبەت ئارقىلىق ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ھەسەن رۇھانى پىرېزىدېنت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسىگە بەرگەن ئاخىرقى قېتىملىق باياناتىدا، فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدىكى زىيارىتى جەريانىدا فىرانسىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى فىرانسۇئا ئولاندنىڭ ئۇنىڭغا: «5 + 1 دۆلەتلىرى (ئامېرىكا، خىتاي، رۇسىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيە) بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئىرانغا قارشى قەتئىي ئۇرۇش ئېچىشنى قارار قىلغانىدۇق. بىراق، سىز ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ، سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىڭىزنى جاكارلىغاندىن كېيىن، بىز ئۇرۇشتىن ۋاز كەچتۇق» دېگەنلىكىنى ئەسلتىىپ ئۆتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «مەن ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندا ئالدىمدا يا دۇنياغا قارشى ئۇرۇشقا كىرىش ياكى تىنچلىق ئورنىتىشتىن ئىبارەت ئىككى يول بار ئىدى. چارە دىپلوماتىيە ۋە سۆھبەتلەر ئىدى. سۆھبەتلەر ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئالدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

يادرو كېلىشىمىدە 5 + 1 دۆلەتلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكلىرىنى، ئەمما ئەمەلىيەتتە ئىراننىڭ ئامېرىكا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن رۇھانى: «بۈگۈنمۇ بىز ئاساسەن ئامېرىكا بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتىمىز. (ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى) ۋىيېننادا 4 + 1 دۆلەتلىرى (گېرمانىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، خىتاي، رۇسىيە) بىلەن سۆزلىشىۋاتىمىز، بىراق، ئەمەلىيەتتە سۆھبەتنىڭ يەنە بىر تەرىپى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدۇر» دېدى.

ئىراننىڭ كېلەر نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپىنىڭ سۆھبەت بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن رۇھانى: «مۇناسىۋەت ئورنىتىشتىن باشقا ھېچقانداق چارە يوق» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر