ئامېرىكادا تىك ئۇچار ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىغا قاراشلىق كولۇسا رايونىدا بىر تىك ئۇچار ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ، 4 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1683985
ئامېرىكادا تىك ئۇچار ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى (FAA) نىڭ  بىلدۈرۈشىچە،  كالىفورنىيە ئىشتاتىغا قاراشلىق كولۇسا رايونىدا « Robinson» تىپلىق بىر تىك ئۇچار ئايروپىلان شۇ جاي ۋاقتى سائەت 13:15 دە چۈشۈپ كەتكەن.

كولۇسا رايونلۇق ساقچى ئىدارىسىنىڭ يەرلىك «‹ KXTV› تېلېۋىزىيەسى» گە بەرگەن باياناتىدىمۇ، قازادا 4 كىشىنىڭ نەق مەيداندا قازا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن، ئەمما قازا قىلغۇچىلارنىڭ كىملىكلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى بىلەن دۆلەتلىك قاتناش بىخەتەرلىك ئىدارىسى ۋەقەنى تەكشۈرىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر