خىنەندە كەلكۈن سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئاشماقتا ئىكەن

خىتاينىڭ خىنەن ئۆلكىسىدە ياغقان شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن سۇ ئاپەتلىرىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 302 گە چىقتى.

1684194
خىنەندە كەلكۈن سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئاشماقتا ئىكەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، خىنەن ئۆلكىسىنىڭ مەسئۇللىرى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، كەلكۈن سەۋەبىدىن جىڭجۇ شەھىرىدە 292 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان.

پۈتكۈل خىنەن تەۋەسىدە كەلكۈن سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 302 گە چىققانلىقى، ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولغانلار سانىنىڭ 50 كە چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خىنەندە 17-ئىيۇل (2021) دىن باشلاپ قەرەللىك ھالدا ياغقان يامغۇر، 20-ئىيۇلدا كەلكۈن پەيدا قىلغان ئىدى. كەلكۈندە جىڭجۇ شەھىرىدىكى مېترو يولىنى سۇ بېسىپ كېتىپ 14 كىشى ئۆلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر