بوكو ھارام گۆرۈگە ئېلىۋالغان كىشىلەر قۇتقۇزۇۋېلىندى

غەربىي ئافرىقاغا جايلاشقان نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارام گۆرۈگە ئېلىۋالغان ئايال ۋە كىچىك بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 32 كىشى قۇتقۇزۇلدى.

1683938
بوكو ھارام گۆرۈگە ئېلىۋالغان كىشىلەر قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسىنىڭ ۋەكىلى بېرنارد ئونيۇكو نىگېرىيە ئارمىيەسىنىڭ بورنو ئىشتاتىغا قاراشلىق باما ۋە دامبوا رايونلىرىدا بوكو ھارامغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ھەربىي ھەرىكەتتە، 10 ئايال ۋە 22 بالىنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، ھەربىي ھەرىكەتتە 28 تېررورىستنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى، ئوق-دورا ئىسكىلاتلىرىنىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقىنى، تېررورىستلارنىڭ ئاپتوموبىل، موتوسىكلىت ۋە نۇرغۇن قورال-ياراغلىرىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئەمما ئۇ، قۇتقۇزۇۋېلىنغان كىشىلەرنىڭ قاچان گۆرۈگە ئېلىنغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر