ئامېرىكا ئافغانىستانلىق تەرجىمانلىرىنى ئامېرىكاغا قايتۇرۇپ كەلدى

ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئافغانىستانلىق تەرجىمانلىرى ۋە ياردەمچىلىرى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە ئامېرىكاغا قايتۇرۇپ كېلىندى.

1682892
ئامېرىكا ئافغانىستانلىق تەرجىمانلىرىنى ئامېرىكاغا قايتۇرۇپ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغان تەرجىمانلارنى ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 2500 كىشى ئالاھىدە كۆچمەنلەر ۋىزىسى (SIV) رەسمىيىتى تاماملانغانغا قەدەر ۋاقتىنچە پايتەخت ۋاشىنگىتونغا يېقىن فورت لې ھەربىي بازىسىدا تۇرىدۇ.

ئافغانىستاندا 2009-يىلدىن بېرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئامېرىكا ئارمىيەسى بىلەن ئىشلەۋاتقان كىشىلەرگە قارىتىلغان ئالاھىدە كۆچمەنلەر پروگراممىسى، كۆچمەنلىك ۋە ئىقامەت ئىلتىماسىنىڭ تېز ھەم ئالاھىدە تاماملىنىشىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، 2008-يىلدىن بۇيان تەخمىنەن 70 مىڭ ئافغانىستانلىق ئامېرىكاغا ئالاھىدە كۆچمەنلەر ۋىزىسى (SIV)  بىلەن ئولتۇراقلاشقان.

«ھېچكىم ئارقىدا قالمىسۇن» ناملىق ئاممىۋىي تەشكىلاتنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئافغانىستاندا ئامېرىكا ئارمىيەسى ۋە ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلغان تەخمىنەن 300 ئافغانىستانلىق تەرجىمان ئۆلتۈرۈلگەن.

بۇ ئارىلىقتا ماي ئېيىنىڭ بېشىدا باشلانغان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشىنىڭ %95 تاماملانغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

ئافغانىستاندا تىنچلىق مۇساپىسى ئېنىقسىزلىقىنى داۋاملاشتۇرماقتا، بىخەتەرلىك قىسىملىرى بىلەن تالىبانلار ئوتتۇرىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇشلارمۇ ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا.

تالىبان 150 دىن كۆپرەكى ناھىيە مەركىزى بولۇپ، جەمئىي 407 ناھىيەنىڭ كونتىروللۇقىنى ئالقىنىغا كىرگۈزۈۋالغان ۋەزىيەتتە تۇرماقتا.

تالىبان بولسا ئۆز كونتروللۇقىغا ئۆتكەن ناھىيە مەركەزلىرى سانىنىڭ 260 دىن ئاشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈمەكتە.

ئافغانىستاندىكى 34 ۋىلايەت مەركىزى ھازىرمۇ ھۆكۈمەت كۈچلىرىنىڭ كونتروللۇقىدا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر