ۋولقان بوزقىر كۇۋەيتتە زىيارەتتە بولىدۇ
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 75- نۆۋەتلىك ئومۇمىي مەجلىسى رەئىسى ۋولقان بوزقىر 31- ئىيۇلدىن 2- ئاۋغۇستقىچە كۇۋەيتتە زىيارەتتە بولىدۇ.
1682583
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كۇۋەيت ئەمىرى شەيخ نەۋۋاف ئەھمەد ئەلجابىر ئەسساباھ تەرىپىدىن قارشى ئېلىنىدىغان بوزقىر، كۇۋەيتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى، بولۇپمۇ كۇۋەيت تەخت ۋارىسى شەيخ مەسال ئەلئەھمەد ئەلجابىر ئەسساباھ بىلەن ئۇچرىشىپ سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ.
بوزقىر ب د ت ئومۇمىي مەجلىسىنىڭ رەئىسى سۈپىتى بىلەن ئىشقا ئاشۇرىدىغان بۇ زىيارىتى جەريانىدا دىققىتىنى كۇۋەيتنىڭ كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىيەسى، ئىنسانپەرۋەرلىك ساھەسىدىكى خىزمەتلىرى، توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە رايونلۇق مەسىلىلەردە ئويناۋاتقان مۇھىم رولىغا مەركەزلەشتۈرىدۇ.