خىتاي بىلەن رۇسىيە ئارمىيەسى كېلەر ئاي بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغان بولدى

خىتاي - رۇسىيە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى مەقسىتىنىڭ، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئۇرۇش قىلىش ئىرادىسى ۋە ئىقتىدارىنى نامايان قىلىش ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1682727
خىتاي بىلەن رۇسىيە ئارمىيەسى كېلەر ئاي بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، رۇسىيە ئارمىيەسىدىن بەزى قىسىملارنىڭ ئاۋغۇستنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش 2021» ناملىق ھەربىي مانېۋىرىغا قاتنىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بىرلەشمە مانېۋىرغا تەخمىنەن 10 مىڭ ئەسكەرنىڭ قاتنىشىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان باياناتتا، ھەر خىل تىپتىكى ھەربىي ئايروپىلان ۋە برونىۋىك ئاپتوموبىللارنىڭمۇ قاتناشتۇرىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، «مانېۋىرنىڭ مەقسىتى رۇسىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنى شۇنداقلا كەڭ-كۆلەملىك ھەمكارلىق ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا تەسىرنى كۈچەيتىش ھەمدە ئىككى دۆلەتنىڭ قوراللىق كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىق ۋە دوستلۇق سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىن باشقا يەنە، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئۇرۇش قىلىش ئىرادىسى ۋە ئىقتىدارىنى نامايان قىلىشتۇر»  دېگەن سۆزلەرگە ئالاھىدە ئورۇن ئاجرىتىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر