خىتايدا سۇ ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى كۆپەيدى

خىتاينىڭ خېنەن ئۆلكىسىدە قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان سۇ ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 99 غا يەتتى.

1682291
خىتايدا سۇ ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى كۆپەيدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بەزى رايونلىرىدا سۇ ئاپىتى توختىغان، يەنە بەزى رايونلىرىدا بولسا سۇ ئاپىتى داۋاملىشىۋاتقان، قازا قىلغۇچىلار سانى 99 غا يەتكەن خېنەن ئۆلكىسىدە، ياردەم ۋە تازىلىق پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.

خېنەن ئۆلكىسىدە، 17 – ئىيۇلدىن بۇيان قەرەللىك ھالدا يېغىۋاتقان قارا يامغۇر، 20-ئىيۇل كۈنى سۇ ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى.

جېڭجۇ شەھىرىدىكى مېترو ئىستانسىسىنى سۇ بېسىپ كېتىپ، كۆپ ساندا يولۇچى قاپسىلىپ قالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر