كىم جوڭئۇن بېيجىڭ بىلەن بولغان قويۇق مۇناسىۋەتنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن كورېيە ئۇرۇشىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە بېيجىڭ بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى.

1682247
كىم جوڭئۇن بېيجىڭ بىلەن بولغان قويۇق مۇناسىۋەتنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: KCNA خەۋەر ئاگېنتلىقى، شىمالىي كورېيە رەھبىرى كورېيە ئۇرۇشىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان خىتاي ئەسكەرلىرىگە بولغان ھۆرمەتنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ياسالغان دوستلۇق مۇنارىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ كىم جوڭئۇن 2011- يىلى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيانقى ئۈچىنچى قېتىملىق زىيارەت ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

كىم جوڭئۇن پايتەخت پيوڭياڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا كورېيە ئۇرۇشىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان خىتاي ئەسكەرلىرىگە ئېھتىرام بىلدۈردى ۋە ئۇ يەردە سۆز قىلىپ: «شىمالىي كورېيە ئېغىر سىناقلارنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بىر پەيتتە جانلىرىنى تىكىپ، كورېيە خەلقىنىڭ  مۇقەددەس ۋە تارىخىي كۈرىشىگە ياردەم قىلغان خىتاي خەلقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى مەڭگۈ ياشايدۇ» دېدى.

كىم جوڭئۇن يەنە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق رىشتىسىنىڭ ئورتاق نىشاننى بويلاپ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خىتاي، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى بىلەن ئاخىرلاشقان كورېيە ئۇرۇشىدا، جەنۇبىي كورېيە ۋە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ب د ت قىسىملىرىغا قارشى شىمالىي كورېيەنىڭ سېپىدە تۇرۇپ ئۇرۇش قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر