ياپونىيەدە ھاۋانىڭ ئىسسىپ كېتىشى سەۋەبىدىن 23 كىشى قازا قىلدى

ياپونىيەدە قاتتىق ئىسسىق سەۋەبىدىن مۇشۇ بىر ھەپتە ئىچىدە 23 كىشى قازا قىلدى.

1681335
ياپونىيەدە ھاۋانىڭ ئىسسىپ كېتىشى سەۋەبىدىن 23 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوت ئاپىتى ۋە تەبىئىي ئاپەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئورگىنىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، 19  - ئىيۇلدىن 25 – ئىيۇلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىش سەۋەبىدىن 8122 كىشى دوختۇرخانىدا ياتقان. بۇلاردىن 23 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى ۋە 3000 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىنغان.

دوختۇرخانىدا ياتقانلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ 65 ياشتىن يۇقىرى ئىكەنلىكى، 2627 كىشىنىڭ 18 ياشتىن 64 ياشقىچە  ۋە  800 كىشىنىڭ 17 ياشتىن تۆۋەن ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

مۇتەخەسسىسلەر ئىسسىقلىق 28 گرادۇسقا يەتكەندە ياكى نەملىك %70 كە يەتكەندە شامالدۇرغۇچ ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر