گېرمانىيەدە خىمىيە زاۋۇتىدىكى پارتلاشتا 2 كىشى قازا قىلىپ، 31 كىشى يارىلاندى

تۈنۈگۈن گېرمانىيەنىڭ لېۋېركۇسېن شەھىرىدە «Currenta» شىركىتىگە تەۋە خىمىيە زاۋۇتىنىڭ قاتتىق تاشلاندۇقلارنى كۆيدۈرۈش بۆلىمىدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 2 كىشىگە يەتتى.

1681590
گېرمانىيەدە خىمىيە زاۋۇتىدىكى پارتلاشتا 2 كىشى قازا قىلىپ، 31 كىشى يارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «Currenta» شىركىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، پارتلاشتا ئىككى كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى ۋە 31 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا 5 كىشىنىڭ ھازىرغىچە ئىز- دېرىكى يوقلۇقى، ئىزدەپ قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

يوقاپ كەتكەنلەردىن بىرسىنىڭ ئەردوغان س ئىسىملىك تۈرك ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

لېۋېركۇسېن ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرىمۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفون ئىشلەتكۈچىلەرگە «يۇقىرى دەرىجىلىك خەتەر» دېگەن ئاگاھلاندۇرۇشنى يوللىدى.

شىمالىي رېيىن-ۋېستفالىيە ئۆلكىسى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ھېربېرت رېئۇل يەرلىك مەتبۇئاتلارغا بەرگەن باياناتىدا، پارتىلاشنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا ھازىرچە بىر نەرسە دېيەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ھېربېرت رېئۇل ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ پارتلاش رايونىدا ئىچىدە 100 مىڭ لىتىر ئاسان يانىدىغان زەھەرلىك تاشلاندۇق بار يەنە بىر باكنى قوغداش ئارقىلىق چوڭ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر