ياپونىيە رۇسىيە باش مىنىستىرىنىڭ كۇرىل ئارىلى زىيارىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى

ياپونىيە رۇسىيە باش مىنىستىرى مىخائىل مىشۇستىن (Mihail Mişustin) نىڭ كۇرىل ئاراللىرىنى زىيارەت قىلىشىنى «ناھايىتى تەلەيسىزلىك» دەپ ئاتىدى.

1680275
ياپونىيە رۇسىيە باش مىنىستىرىنىڭ كۇرىل ئارىلى زىيارىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە كابېنتىنىڭ باش كاتىبى كاتو كاتسۇنوبۇ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، رۇسىيە باش مىنىستىرى مىخائىل مىسۇشتىننىڭ خوككايدونىڭ شىمالىغا جايلاشقان كۇرىل تاقىم ئاراللىرى ئىچىدىكى ئېتوروفۇ ئارىلىنى زىيارەت قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

باش كاتىپ كاتو كاتسۇنوبۇ مىشۇستىننىڭ زىيارىتىنىڭ شىمالىي ئاراللار مەسىلىسىدە ياپونىيەنىڭ ئىزچىللىققا ئىگە مەيدانى بىلەن زىتلىشىدىغانلىقىنى ۋە ئىنتايىن تەلەيسىز ۋەقە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ياپونىيەنىڭ زىيارەت سەۋەبىدىن رۇسىيەگە نارازىلىق ئۇلتىماتومى تاپشۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

رۇسىيە باش مىنىستىرى مىخائىل مىسۇشتىن تۆت كۈنلۈك يىراق شەرق ۋە سىبىرىيە زىيارىتى دائىرىسىدە، ئېتوروفۇ ئارىلىغا يېتىپ بېرىپ، ئارالدىكى بىر دوختۇرخانىنى ۋە دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش مەركىزىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

ياپونىيە كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، توكيو مىشۇستىننىڭ ئاراللارنى زىيارەت قىلىشتىن يىراق تۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

سابىق سوۋېىتلەر ئىتتىپاقى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرىدا، يەنى 1945-يىلى ياپونىيەنىڭ تىنچ ئوكيان بىلەن ئوخوتسك دېڭىزىنى بىر-بىرىدىن ئايرىپ تۇرىدىغان ۋە ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1300 كىلومېتىر كېلىدىغان كۇرىل ئاراللىرىنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان ئىدى.

«شىمال رايونلىرى» دەپ ئاتالغان زېمىن پارچىسى مەسىلىسىدىكى كېلىشمەسلىك سەۋەبىدىن، ياپونىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالاش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئۇچرىشىشلار نەتىجىسىز قالماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر