ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى بىر ناھىيەنىڭ كونتروللۇقىنى تالىباندىن قايتۇرۇپ ئالدى

ئافغانىستاندا ھۆكۈمەت ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ بىر ناھىيەنىڭ كونتروللۇقىنى تالىباندىن قايتۇرۇپ ئالغانلىقى ئېلان قىلىندى.

1680426
ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى بىر ناھىيەنىڭ كونتروللۇقىنى تالىباندىن قايتۇرۇپ ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ تالىباننىڭ كونتروللۇقىدىكى ناھىيەلەرنى قايتۇرۇپ ئېلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ھەربىي ھەرىكەتلەر نەتىجىسىدە بەلخ ۋىلايىتىگە قاراشلىق كەلدەر ناھىيەسىنىڭ تالىباندىن قايتۇرۇپ ئېلىنغانلىقى، 20 تالىبان قوراللىق ئۇنسۇرىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقى ۋە ئونلىغان قوراللىق ئۇنسۇرنىڭ يارىلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ئافغانىستاننىڭ تىنچلىق مۇساپىسى ئېنىقسىزلىقىنى داۋاملاشتۇرماقتا. بىخەتەرلىك قىسىملىرى بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇشلارمۇ ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا.

تالىبان ئىيۇننىڭ ئاخىرقى ھەپتىسىدە باشلىغان ھۇجۇملاردا، ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستان چېگراسىدىكى ناھىيەلەرنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئىگەللىۋالغان ئىدى.

تالىبان ئۆزبېكىستانغا تۇتۇشىدىغان ئەڭ مۇھىم سودا يولى خەيرەتان چېگرا ئېغىزىنى ئىككى تەرەپتىن قورشىۋالغاندىن كېيىن، غەربىي جەنۇبتا غەزنە ۋىلايىتىگە مەركەزلەشكەن ئىدى.

تالىبان ئافغانىستاندا داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان  بولۇپ، 8-ئىيۇلدا ئىران چېگراسىدىكى ئىسلام قەلئەسىنى ۋە 14-ئىيۇلدا پاكىستان چېگراسىدىكى سىپىن بولداك چېگرا ئېغىزىنى ئىگەللىۋالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر