46 نەپەر ئافغانىستان ئەسكەرى ۋە ساقچىسى پاكىستاندىن پاناھلىق تىلىدى

پاكىستان ئافغانىستان ئارمىيەسى ۋە چېگرا ساقچىلىرىنىڭ 46 ئەزاسىغا، پاكىستاندا پاناھلانغۇچى سالاھىيىتى ۋە پاكىستانغا بىخەتەر ئۆتۈش رۇخسىتى بەردى.

1680286
46 نەپەر ئافغانىستان ئەسكەرى ۋە ساقچىسى پاكىستاندىن پاناھلىق تىلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان ئارمىيەسى ئاممىۋى مۇناسىۋەت ئىشخانىسىنىڭ باياناتىدا، ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئەزالىرىنىڭ تۈنۈگۈن كەچتە خەيبەر پاختونخۋا ئۆلكىسىگە قاراشلىق ئاراندۇ يېزىسى چېگراسىغا كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، 46 ئەسكەر ۋە ساقچىنىڭ پاكىستان-ئافغانىستان خەلقئارا چېگراسىدىكى خىزمەتلىرىنى ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى سەۋەبىدىن داۋاملاشتۇرالمىغانلىقلىرى، شۇڭا پاكىستان ئارمىيەسىدىن پاناھلانغۇچى سالاھىيىتى ۋە بىخەتەر ئۆتۈش رۇخسىتى تەلەپ قىلغانلىقلىرى ئۇقتۇرۇلدى.

پاكىستان ئارمىيەسى بولسا، ئافغانىستان دائىرىلىرى بىلەن ئالاقىلاشقاندىن كېيىن، 5 ئوفىتسېرنى قوشقاندا جەمئىي 46 نەپەر ئافغانىستان ئەسكەرى ۋە ساقچىلىرىغا  پاناھلانغۇچى سالاھىيىتى ۋە پاكىستانغا بىخەتەر ئۆتۈش رۇخسىتى بەردى.

باياناتتا، ئافغانىستان ئەسكەرلىرى ۋە ساقچىلىرىنىڭ يېمەكلىك، تۇرالغۇ ۋە كېرەكلىك داۋالاش ياردىمى بىلەن تەمىنلەنگەنلىكى، زورۈر بولغان رەسمىەتلەردىن كېيىن، بۇلارنىڭ ئافغانىستان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا يوللىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

پاكىستان 1-ئىيۇلدىمۇ 35 نەپەر ئافغانىستان ئەسكىرىگە بىخەتەر ئۆتۈش رۇخسىتى بەرگەن ئىدى.

ئافغانىستاننىڭ تىنچلىق مۇساپىسى ئېنىقسىزلىقىنى داۋاملاشتۇرماقتا، بىخەتەرلىك قىسىملىرى بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدىكى شىددەتلىك توقۇنۇشلارمۇ داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر