بېلگىيەنىڭ  نامۇر ۋە دىنانت قاتارلىق شەھەرلىرىدە يەنە كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەردى

بېلگىيەدە 10 كۈن ئىلگىرى يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدىن كېيىن، دۆلەتنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى نامۇر ۋە دىنانت قاتارلىق شەھەرلەرنى يەنە قايتا كەلكۈن باستى.

1679726
بېلگىيەنىڭ  نامۇر ۋە دىنانت قاتارلىق شەھەرلىرىدە يەنە كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەردى
belcika sel.jpg
belcika sel1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نامۇر شەھىرىدە نۇرغۇن ئۆيلەرنىڭ كىرىش ۋە يەر ئاستى قەۋىتى سۇ ئاستىدا قالدى.

ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ھەمبەھىرلەنگەن سۈرەتلەردە، دىنانتتىكى بەزى ماشىنىلارنى كەلكۈن سۈيىنىڭ ئېقىتىپ كەتكەنلىكى كۆرۈلدى.

كەلكۈن سەۋەبىدىن رايوندىكى بىر قىسىم يوللارنىڭ تاقالغانلىقى، تام ئۆرۈلۈپ چۈشىشى سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئۆيلەرنىڭ بوشىتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

كەلكۈن كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇزغۇنچىلىق ۋە ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر بېرىلمىدى.

بېلگىيەنىڭ شەرقىدە 10 كۈن ئىلگىرى يۈز بەرگەن كەلكۈندە، 37 كىشى قازا قىلىپ، نەچچە ئون ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ۋە نۇرغۇن بىنالار ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ھالغا كېلىپ قالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر