ئامېرىكا - رۇسىيە ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىق يىغىنى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا

رۇسىيە ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋەكىللەر ئۆمىكى 28-ئىيۇلدا ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىق توغرىسىدا سۆزلىشىدۇ.

1679415
ئامېرىكا - رۇسىيە ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىق يىغىنى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ 16-ئىيۇن شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى خاتىرىلىپ ئۆتتى.

مەزكۇر ئۇچرىشىشتا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىملەرنىڭ داۋامى ماھىيىتىدىكى رۇسىيە - ئامېرىكا دىيالوگ رامكىسى ئىچىدە7-ئاينىڭ 28- كۈنى جەنۋەدە يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا: «رۇسىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىگە رۇسىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي رىيابكوف، ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكىگە ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋېندى شېرمان رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. يىغىندا، ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىقنى قوغداپ قېلىش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، شۇنداقلا قورال كونترول قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر