بايدىن: ئافغانىستانغا ياردەم بېرىشنى داۋاملاشتۇرىمىز

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن، ۋاشىنگتوننىڭ ئافغانىستاننى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى جەھەتلەردىن قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

1679481
بايدىن: ئافغانىستانغا ياردەم بېرىشنى داۋاملاشتۇرىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈنۈگۈن ئاقساراي بايانات ئېلان قىلىپ، ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غەنى بىلەن پىرېزىدېنت بايدىننىڭ تېلېفونلاشقانلىقىنى، تېلېفون سۆھبىتىدە پىرېزىدېنت بايدىننىڭ دۆلىتى ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى مۇساپىسىنى تاماملاش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ئافغانىستان ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى .

باياناتتا: ئىككى رەھبەرنىڭ «تالىباننىڭ نۆۋەتتىكى ھۇجۇملىرىنىڭ ھەرىكەتنىڭ توقۇنۇشنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشنى قوللاش تەشەببۇسىغا بىۋاسىتە زىت» ئىكەنلىكى توغرىسىدا ھەمپىكىر ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەنىدى.

بۇنىڭدىن باشقا باياناتتا، بايدىننىڭ ئافغانىستاننى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى جەھەتلەردىن داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى فوندى ئۈچۈن دۆلەت مەجلىسىدىن 3 مىليارد 300 مىليون دوللار تەلەپ قىلىنغانلىقىنى ئېيتقانلىقى قەيت قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر