ياپونىيە ھىندونېزىيەگە ياردەم قىلىدۇ

ياپونىيە «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە ھىندونېزىيەگە 5.6 مىليون دوللارلىق جىددىي ياردەم بېرىدۇ.

1679029
ياپونىيە ھىندونېزىيەگە ياردەم قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيە «ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھى» ھىندونېزىيەگە، «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە ياردەم قىلىدىكەن. جۈملىدىن، ياپونىيە 2800 ئوكسىگېن قويۇقلۇقى بىلەن تەمىنلەش دائىرىسىدە  ھىندونېزىيەگە 5.6 مىليون دوللارلىق جىددىي ياردەم بېرىدىكەن.

ھىندونېزىيە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، دۆلەتتە «كوۋىد – 19» يۇقۇمى سەۋەبىدىن قازا قىلغۇچىلار سانى 79 مىڭ 32 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 3 مىليون 33 مىڭ 339 غا يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر