ئېكۋادوردا ئىككى تۈرمىدە يۈز بەرگەن ئىسياندا 21 ئادەم ئۆلدى

جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلىتى ئېكۋادوردا بىرلا ۋاقىتتا ئىككى تۈرمىدە مەھبۇسلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئىسياندا 21 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 35 كىشى يارىلاندى.

1679170
ئېكۋادوردا ئىككى تۈرمىدە يۈز بەرگەن ئىسياندا 21 ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئېكۋادورنىڭ گاياكۋىل ۋە كوتوپاشى شەھەرلىرىدىكى تۈرمىلەردە بىرلا ۋاقىتتا گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدا رەھبەرلىك جېدىلى سەۋەبىدىن ئىسيان چىقتى.

ساقچىلار  تەسلىكتە كونترول ئاستىغا ئالغان ئىسياندا 21 مەھبۇس ھاياتىدىن ئايرىلدى، 6 ساقچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 35 ئادەم يارىلاندى.

ساقچىلار جېدەلنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ​​ئەتكەسچىلىكى شايكىلىرى ئارىسىدىكى ئىتتىپاق تەشكىل قىلىشنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، تەخمىنەن 38 مىڭ مەھبۇس ۋە تۇتقۇن قامالغان ئېكۋادور تۈرمىلىرىدە، گۇرۇھلار ئارىسىدىكى ۋەقەلەر بەزىدە ئىسيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا ئىكەن.

دۆلەتتە 2-ئاينىڭ 24-كۈنى 3 شەھەردە بىرلا ۋاقىتتا يۈز بەرگەن ئىسيانلاردا 80 مەھبۇس ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر