تاجىكىستان ئافغانىستانلىق 100 مىڭ مۇساپىرنى قوبۇل قىلىشقا تەييارلانماقتا

تاجىكىستان قوشنىسى ئافغانىستاندا زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى نەتىجىسىدە ئافغانىستانلىق 100 مىڭ مۇساپىرنى قوبۇل قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1679164
تاجىكىستان ئافغانىستانلىق 100 مىڭ مۇساپىرنى قوبۇل قىلىشقا تەييارلانماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تالىباننىڭ ئافغانىستاندا ھاكىمىيەت ساھەسىنى كېڭەيتىشى بىلەن ئۇلغىيىپ كەتكەن كۆچمەنلىك ئېقىنى تاجىكىستاننى ھەرىكەتكە كەلتۈردى.

تاجىكىستان جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىمامئەلى ئىبراھىمزادە، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، چېگرا رايونىغا جايلاشقان خاتلون ۋە تاغلىق – بەدەخشان ۋىلايەتلىرىدە مۇساپىرلارغا كېرەكلىك بۇيۇملارنى ساقلاش ئۈچۈن ئىككى چوڭ ئامبار سېلىشقا باشلىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئۇدا 20 يىل ئۇرۇش قىلغان ئافغانىستاندىن چېكىنىشكە باشلىشى بىلەن تەڭ، بۇ دۆلەتتىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرى تېز سۈرئەتتە كۆپىيىپ كەتتى.

تالىبان بىلەن ئافغانىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلار يېڭى كۆچمەنلەر دولقۇنىنى قوزغىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تەخمىنلىرىگە قارىغاندا، نۆۋەتتە ئافغانىستاندىكى ۋىلايەت مەركەزلىرىنىڭ يېرىمىنىڭ كونتروللۇقى تالىباننىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن.

تالىبان، ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى قۇندۇز ۋىلايىتى بىلەن تاجىكىستان چېگراسىدىكى شىرخان چېگرا ئېغىزىنىڭ كونتروللۇقىنى 22 – ئىيۇن كۈنى قولغا كىرگۈزگەنىدى.

ئافغانىستاندىن ماي ئېيى ئېتىبارى بىلەن چېكىنىشكە باشلىغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بولسا، 11 – سېنتەبىر ھۇجۇملىرى خاتىرە كۈنىدىن بۇرۇن بۇ دۆلەتتىكى بارلىق كۈچلىرىنى چېكىندۈرۈپ بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر