ئىراندىكى نامايىشلار ئالتىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى

ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىنىڭ ئاھۋاز، ئىزە، مەھشەر، ھۇررەمشەھر، ئابادان، سۇسەنگەرد ۋە شادگان شەھەرلىرىدىكى نامايىشلارنىڭ ئالتىنچى كۈنىگە قەدەم قويغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1678247
ئىراندىكى نامايىشلار ئالتىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ ئەرەبلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان خۇزىستان ئۆلكىسىدە سۇ توختاپ قىلىش ئەھۋاللىرىغا قارشى باشلانغان نامايىشلارنىڭ ئالتىنچى كۈنى بەندەر مەھشەر شەھىرىدە بىر ساقچى قازا قىلدى، ئىزە شەھىرىدە بىر نامايىشچى ئۆلتۈرۈلدى. خۇزىستاننىڭ بەندەر مەھشەر شەھىرى مۇئاۋىن ۋالىيسى فەرىدۇن باندەرى ئىران رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى — ئىرناغا تۈنۈگۈن كەچتە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ: «نامايىشچىلارنىڭ تالەگانى بازىرىدىكى بىر ئۆينىڭ ئۆگزىسىدىن ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە بىر ساقچى قازا قىلدى، يەنە بىرى پۇتىدىن يارىلاندى» دېدى ۋە ۋەقەنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خۇزىستان ئۆلكىسىنىڭ ئاھۋاز، ئىزە، مەھشەر، ھۇررەمشەھر، ئابادان، سۇسەنگەرد ۋە شادگان شەھەرلىرىدىكى نامايىشلارنىڭ ئالتىنچى كۈنىگە قەدەم قويغانلىقى، نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى سۈرەتلەرگە قارىغاندا، ئىزە شەھىرىدىكى يۈزلىگەن نامايىشچى، دۆلەت رەھبىرى خامەنىيگە قارشى  «يوقالسۇن خامەنىي» دەپ شوئارلارنى توۋلىغان.

مەزكۇر شەھەردىكى نامايىشلار جەريانىدا مۇھەممەد ئابدۇللاھى ئىسىملىك بىر نامايىشچىنىڭ ساقچىلارنىڭ قوراللىق ئارىلىشىشى نەتىجىسىدە قازا قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى؛ شۇنداق قىلىپ، نامايىشلار جەريانىدا قازا قىلغان نامايىشچىلار سانى تۆتكە يەتكەن بولدى.

بىخەتەرلىك قىسىملىرى ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ۋە قورال ئىشلىتىپ باستۇرۇشقا ئۇرۇنغان نامايىشلار جەريانىدا، نامايىشچىلار سۇسەنگەرد شەھىرىدە بىر تانكىغا  ئوت قويۇپ بەردى.

خۇزىستان ئۆلكىسىنىڭ مۇھىم سۇ مەنبەسى بولغان «ھۇرۇلئەزىم» كۆلچەكلىرى بىلەن كەرھە دەرياسىنىڭ قۇرۇپ كېتىشى ۋە قارۇن دەرياسىدىن باشقا رايونلارغا سۇ يۆتكەشنى نىشان قىلغان تۈرنىڭ تەستىقلىنىشىدىن كېيىن باش كۆتۈرگەن ئىچىملىك سۈيى كەم بولۇش ھادىسىسى سەۋەبىدىن ھامىدىيە، بوستان، شادىگان، شۇش، دانيال ۋە مەھشەر شەھەرلىرىدە 14 – ئىيۇل چارشەنبە كەچقۇرۇن نامايىشلارنىڭ باشلىنىپ كەتكەنلىكى، يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە كەم دېگەندە ئۈچ كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر