نىگېرىيەدە خولېرا يۇقۇمى باش كۆتۈردى

نىگېرىيەنىڭ جىگاۋا ئۆلكىسىدە يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە 30 ئادەم خولېرا يۇقۇمى سەۋەبىدىن قازا قىلدى.

1678310
نىگېرىيەدە خولېرا يۇقۇمى باش كۆتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيەنىڭ جىگاۋا ئۆلكىلىك سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ دائىمىي ئىشلار كاتىپى سالىسۇ مۇئازۇ بايانات ئېلان قىلىپ، يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە ئۆلكىنىڭ 27 رايونىدا 2000 دىن ئارتۇق ئادەمگە خولېرا بىمارى دەپ دىئاگنوز قويۇلغانلىقىنى، 30 ئادەمنىڭ يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مۇئازۇ يۇقۇمنىڭ تازىلاش مەسىلىسىدىن كېلىپ چىققانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ، رايون ئاھالىلىرىنى يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىشكە چاقىردى.

شۇنداق قىلىپ،  يانۋار ئېيىدىن بۇيان دۆلەت مىقياسىدا خولېرا يۇقۇمى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 335 كە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر