گېرمانىيەدىكى سەل ۋە كەلكۈنلەردە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 80 دىن ئېشىپ كەتتى

گېرمانىيەنىڭ غەربىدىكى رېيىنلاند- پفالز ۋە شىمالىي رېن- ۋېستفالىيە ئىشتاتلىرىدا قاتتىق يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان سۇ ئاپىتى ۋە كەلكۈندە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 81 گە يەتتى.

1676154
گېرمانىيەدىكى سەل ۋە كەلكۈنلەردە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 80 دىن ئېشىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى (DPA) نىڭ كوبلېنز ساقچى باياناتچىسىنى ئاساس قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، رېيىنلاند- پفالز ئىشتاتىدا يۈز بەرگەن كەلكۈندە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 50 كە يەتكەن.

بۇنىڭدىن بۇرۇن شىمالىي رې- ۋېستفالىيە ئىشتاتىدا 31 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى ئېلان قىلىنغانىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، رېيىنلاند- پفالز ئىشتاتىنىڭ ئاخرۋېيلېر رايونلۇق ھۆكۈمىتى 1300 كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى، رايوندا تېلېفونلارنىڭ ئىشلىمەيۋاتقانلىقىنى ۋە نۇرغۇن كىشى بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىككى ئىشتاتنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا سۇ ئاپىتى ۋە كەلكۈن سەۋەبىدىن ئۆيلەرنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكى، كوچىلار ۋە چوڭ يوللارنى سۇ بېسىپ كەتكەنلىكى، نۇرغۇن ئۆيلەرنىڭ خەتەر ئاستىدا ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر