پاكىستاننىڭ 12- پىرېزىدېنتى مەمنۇن ھۈسەيىن ۋاپات بولدى
پاكىستاننىڭ 12-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى مەمنۇن ھۈسەيىن 80 يېشىدا ۋاپات بولدى.
1675639
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھۈسەيىننىڭ ئوغلى ئارسالان مەمنۇن دادىسىنىڭ كاراچىدا راك كېسىلى سەۋەبىدىن داۋالىنىۋاتقان دوختۇرخانىدا قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
مەمنۇن ھۈسەيىن ھىندىستاننىڭ ئاگرا شەھىرىدە 1940-يىلى 23-نويابىردا تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ سىياسەتكە 1969-يىلى قەدەم قويغان ئىدى.
كەسپىي ھاياتىدا سىند ئۆلكىسىنىڭ ۋالىيلىقى قاتارلىق نۇرغۇن يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن مەمنۇن ھۈسەيىن، 2013-يىلىدىن 2018 – يىلىغىچە پاكىستاننىڭ 12- نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى بولغان ئىدى.