خىتايدا بىر تونېلدا ئونلارچە ئىشچى يوقاپ كەتتى

خىتايدا قۇرۇلۇشى ياسىلىۋاتقان بىر تونېلنى سۇ باستى. ۋەقەدە 14 ئىشچى غايىپ بولدى.

1675710
خىتايدا بىر تونېلدا ئونلارچە ئىشچى يوقاپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇخەي شەھىرى جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسى قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەندىن تارتىپ يوقاپ كەتكەن ئىشچىلار بىلەن ئالاقە ئورنىتالمىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى. ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە مىڭدىن ئارتۇق ئىشچى، 22 ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى، بەش دانە پومپا ماشىنىسى ۋە ئەتراپتىكى گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىگە قاراشلىق شەھەرلەردىن ئەۋەتىلگەن خادىملارمۇ قاتناشتى.

تونېلدا يۈز بەرگەن سۇ بېسىپ كېتىش ۋەقەسىنىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر