گېرمانىيەدىكى كەلكۈندە 30 كىشى يوقاپ كەتتى

گېرمانىيەنىڭ رېيىنلاند-پالاتىنا ئۆلكىسىدىكى ئېيفېل رايونىدا، قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن كەلكۈندە 30 كىشى غايىب بولدى.

1675728
گېرمانىيەدىكى كەلكۈندە 30 كىشى يوقاپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە بىرىنچى تېلېۋىزىيە قانىلى «ARD» نىڭ تارمىقى بولغان «SWR» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئادېناۋ شەھىرىگە يېقىن شۇلد يېزىسىدا 6 بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن.

خەۋەردە رايوندا يوقۇلۇپ كەتكەن 30 كىشىنى ئىزدەپ تېپىش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ۋە يەنە 25 بىنانىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈش خەۋىپى ئاستىدا ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

بىتبۇرگ-پلۇم رايونىدىكى كەلكۈن سەۋەبىدىن ۋەزىيەتنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن خەۋەردە يەنە ، ۋاكىسۋېيلېر يېزىسىدا ئەتراپى سۇ بىلەن قورشالغان بىر ئۆيگە 5 كىشىنىڭ قاپسىلىپ قالغانلىقى، قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ كېمە بىلەن بۇ يەرگە يېتىپ بارالمايۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر