مازار شەرىفتىكى رۇس دىپلوماتلار ئۆزبېكىستانغا تارقاقلاشتۇرۇلدى

ئافغانىستاننىڭ مازار شەرىف شەھىرىدە ئىشلەۋاتقان رۇسىيە دىپلوماتلىرى ئۆزبېكىستانغا تارقاقلاشتۇرۇلدى.

1674404
مازار شەرىفتىكى رۇس دىپلوماتلار ئۆزبېكىستانغا تارقاقلاشتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى يۈسۈپ كابۇلجانوف يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «ئافغانىستاننىڭ خەيرەن شەھىرىدىكى رۇسىيە فېدېراتسىيەسى مازار شەرىف كونسۇلخانىسى دىپلوماتلىرى بىخەتەر ھالەتتە ئۆزبېكىستانغا تارقاقلاشتۇرۇلدى» دېدى.

تالىبانلارنىڭ يېقىنقى بىر قانچە كۈن ئىچىدە ئافغانىستاننىڭ ئۆزبېكىستان چېگراسىغا يېقىن بىر قىسىم جايلىرىنى قولغا كىرگۈزۈشىدىن كېيىن، ئىككى دۆلەت چېگراسىدىكى ۋەزىيەت جىددىيلىشىپ كەتكەن، تالىباننىڭ ھۇجۇمىدىن قاچقان 100 گە يېقىن ئافغانىستان ئەسكىرى ئۆزبېكىستاندىن پاناھلىق تىلىگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر