بىرما ھەربىي ھۆكۈمىتى 8-نويابىردىكى سايلاملاردا ساختىپەزلىك قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

بىرمادا ھەربىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن قۇرۇلغان ئىتتىپاق سايلام كومىتېتى 2020-يىلى 8-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلامدا تاشلانغان ئاۋازلارنىڭ ئۈچتىن بىرىدە ساختىپەزلىك قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

1674221
بىرما ھەربىي ھۆكۈمىتى 8-نويابىردىكى سايلاملاردا ساختىپەزلىك قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرمادا ئىتتىپاق سايلام كومىتېتىنىڭ باشلىقى خىن ماۋڭ ئوۋ 2020-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدىكى ساختىپەزلىك قىلىنغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە ئاي داۋاملاشقان تەكشۈرۈشلەرنىڭ خۇلاسىلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «سايلامدا تاشلانغان ئومۇمىي ئاۋازنىڭ ئۈچتىن بىرىدە، يەنى 11.3 مىليون ئاۋازدا ساختىپەزلىك قىلىنغانلىقى بايقالدى» دېدى.

ئۇ سايلامدىن بۇرۇن ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئىشتاتتا ساندۇقلارنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «دۆلەت دېموكراتىك پارتىيەسى ھۆكۈمىتى سايلامدا غەلىبە قىلىش ئۈچۈن، ۋۇخەن ۋىرۇسى تەدبىرلىرىدىن ئۆزىنىڭ مەقسىتى توغرىسىدا پايدىلاندى» دېدى.

ئۇ ھەربىي ئۆزگىرىشتىن ئىلگىرى ۋەزىپە ئۆتىگەن سايلام كومىتېتىنىڭ 2020-يىلى سايلام نەتىجىلىرىنى قانۇنلۇق دەپ قوبۇل قىلغانلىقىنى: «قانۇنغا خىلاپ» دېدى.

بىرمادا 2020-يىلى 8-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلامدا دۆلەتنىڭ ئەمەلىيەتتىكى رەھبىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاڭ سان سۇچىنىڭ پارتىيەسى پارلامېنتتا 238 ئاۋازغا، كېڭەش پالاتاسىدا 138 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ھۆكۈمەتنى تەشكىللىگەن ئىدى.

بىرما ئارمىيەسى قوللىغان ئىتتىپاق، ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى سان ختاي (Than Htay) ئاۋازلارنى ساناشتا، مەسئۇللارنىڭ نۇرغۇن سايلام ساندۇقىدىكى ئۆزىنىڭ پارتىيەسىگە چۈشكەن ئاۋازلارنى 3-2 قېتىم ساناپ ساختىپەزلىك قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

سايلام كومىتېتى سايلامدا ساختىپەزلىك قىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى قاراشلارنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى ۋە ئاڭ سان سۇچى پارتىيەسىنىڭ سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر