كابۇلدىكى ھامىد كارزايى خەلقئارا ئايرودورۇمىغا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ئورنىتىلدى

يېقىندىن بۇيان ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ھۇجۇملىرىنىڭ كۆپىيىشى ۋە تالىباننىڭ ئىلگىرىلەشلىرىنىڭ داۋاملىشىشى سەۋەبىدىن پايتەخت كابۇلدىكى ھامىد كارزايى خەلقئارا ئايرودورۇمىغا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ئورنىتىلدى.

1673426
كابۇلدىكى ھامىد كارزايى خەلقئارا ئايرودورۇمىغا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ئورنىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تارىق ئارىيەن ئاخباراتقا بەرگەن باياناتىدا، تۈنۈگۈن كەچتە ھامىد كارزايى خەلقئارا ئايرودورۇمىغا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ ئورنىتىلغانلىقىنى ۋە ئاكتىپ ھالغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

تارىق ئارىيەن بۇ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ راكېتا ۋە قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ھاياتىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئۆز دۆلىتىنى قوغداشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ھامىد كارزاي خەلقئارا ئايرودورۇمى ئافغانىستاننى باشقا دۆلەتلەر بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان ئەڭ مۇھىم كۆۋرۈكلەرنىڭ بىرى، دەپ قارىلىدۇ.

ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە تاشقى سىياسىتىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە ئايرودورۇم، ئافغانىستان خەلقىنىڭ جان تومۇرى دەپمۇ بىلىنىدۇ.

ئافغانىستان ۋە كابۇلدىكى داۋالغۇش ۋەزىيىتى سەۋەبىدىن ئايرودورۇم ئافغانىستان ھاۋا ئارمىيەسى تەرىپىدىن ۋە قەرەللىك ھالدا چەتئەل ھەربىي ئورگانلىرى تەرىپىدىن قوغدالماقتا.

ئافغانىستاننىڭ تىنچلىق مۇساپىسى ئېنىقسىزلىقىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە بىخەتەرلىك قىسىملىرى بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇشلارمۇ داۋاملاشماقتا.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ  يەرلىك ھۆكۈمەت مەسئۇللىرىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، تالىبان 407 ناھىيەنىڭ  150 دىن كۆپرەكىنى (ناھىيە مەركەزلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا)  ئالقىنىغا كىرگۈزۈۋالغان.

تالىبان بولسا، ئۆز كونتروللۇقىغا ئۆتكەن ناھىيە مەركەزلىرى سانىنىڭ 205 دىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر