ھىنىدىستان ھۆكۈمىتى قەندىھار كونسۇلخانىسىدىكى خادىملارنى چېكىندۈرۈشنى قارار قىلدى

تالىباننىڭ ئافغانىستاندا ئىلگىرىلەشلىرىنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، ھىنىدىستان ھۆكۈمىتى قەندىھار كونسۇلخانىسىدىكى خادىملارنى چېكىندۈرۈشنى قارار قىلدى.

1673440
ھىنىدىستان ھۆكۈمىتى قەندىھار كونسۇلخانىسىدىكى خادىملارنى چېكىندۈرۈشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رايوندىكى توقۇنۇشلارنىڭ كۆپىيىشى سەۋەبىدىن ھىنداىستاننىڭ قاندىھار كونسۇلخانىسىدىكى تەخمىنەن 50 دىپلومات ۋە خادىم چېكىندۈرۈلگەن.

ئالاقىدار مەسئۇللار كونسۇلخانا خادىملىرىنىڭ تۈنۈگۈن ھاۋا ئارمىيەسى ئايروپىلانى بىلەن دېھلىغا ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئارىندام باغچى ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ھىندىستاننىڭ قەندىھاردىكى باش كونسۇلخانىسى تاقالمىدى» دېدى.

ئارىندام باغچى قەندىھار ئۆلكىسىگە يېقىن جايدا يۈز بەرگەن قاتتىق تۇقۇنۇش سەۋەبىدىن ھازىرچە كونسۇلخانىدىكى يەرلىك خىزمەتچىلەردىن باشقا خادىملارنىڭ ۋاقىتلىق قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنى ئېيتتى

بۇنىڭ ئەھۋال مۇقىملاشقۇچە قوللىنىلغان ۋاقىتلىق تەدبىر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئارىندام باغچى، كونسۇلخانا مۇلازىمەتلىرىنىڭ يەرلىك خادىملار ئارقىلىق داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئافغانىستاننىڭ تىنچلىق مۇساپىسى ئېنىقسىزلىقىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە بىخەتەرلىك قىسىملىرى بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇشلارمۇ داۋاملاشماقتا.

تالىبان ئىيۇننىڭ ئاخىرقى ھەپتىسىدە باشلىغان  ھۇجۇملىرىدا ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستان چېگراسىدىكى بارلىق رايونلارنى دېگۈدەك ئالقىنىغا كىرگۈزۈپ بولدى.

ئۆزبېكىستانغا ئېچىلىدىغان ئەڭ مۇھىم سودا يولى بولغان خەيراتان چېگرا ئېغىزىنى ئىككى تەرەپتىن تەڭ قورشىۋالغان تالىبان، غەربىي جەنۇبتا بولسا، غازنىي ۋىلايىتىگە مەركەزلەشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر